ئۇكرائىنا قوماندانلىرى ئىستانبۇلدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

ئالماشتۇرۇلغان ئۇرۇش ئەسىرى ئۇكرائىنا قوماندانلىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى.

1888227
ئۇكرائىنا قوماندانلىرى ئىستانبۇلدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن ئورناتقان دىپلوماتىك ئالاقىسى سايىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئازوۋ قوماندانلىرى تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولدى.

تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە سەھنە بولغان ئۇچرىشىشقا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەگە كەلگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ئايالى ئولېنا زېلېنسكىمۇ شاھىت بولدى.

ئولېنا زېلېنسكا تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «تۈركىيەدىكى <ئازوۋ> قەھرىمانلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. تىرىشچانلىق ۋە چىدامچانلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق... بۈگۈن مۇھىم بىر كۈن، ئەمما يەنە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۇزۇن يول بار. ئۇكرائىنا ئەركىنلىك ۋە ھەممە كىشىنىڭ ئۆيىگە قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياردىمىدە بىخەتەر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ كاپالىتى بىلەن ئۇلار پۈتۈنلەي بىخەتەر. مۇۋاپىق شارائىتلار ھازىرلاندى، ئۇلار ھازىر تۇغقانلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بىر نەچچە ئاي بويىچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلەرنىڭ كۆرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر