ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن 6 مىليون توننا ئاشلىق يۆتكەلگەن

ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن «ئاشلىق كىرىزىسى» نى تۈگىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق ككۆرسىتىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «ئاشلىق كارىدورى» دىن بۈگۈنگىچە يۆتكەلگەن ئاشلىق مىقدارى 6 مىليون توننادىن ئاشتى.

1888352
ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن 6 مىليون توننا ئاشلىق يۆتكەلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 2022-يىلى 22-ئىيۇل ئىستانبۇلدا تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ خىزمىتىنى باشلىشى بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ 2022-يىلى 1-ئاۋغۇستتا يولغا چىققانلىقىنى؛ شۇنىڭدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 260 پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق بېسىپ يولغا چىققانلىقىنى ۋە توشۇلغان ئاشلىق مىقدارىنىڭ 6 مىليون توننادىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، ئاپتاپپەرەس كۈنجۈتى، ئاپتاپپەرەس يېغى، قىزىلچا، پۇرچاق، نۇقۇت ۋە ئارپا قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى پاراخوت ئارقىلىق توشۇلماقتا.

بۈگۈن (2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر) يەنە ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق بېسىلغان سەككىز پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر