ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى لىۋىيەدە چەت ئەل كۈچى ئەمەس

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋىيەدە چەت ئەل كۈچى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى .

1888042
ئاقار: تۈركىيە ئارمىيەسى لىۋىيەدە چەت ئەل كۈچى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان  ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى.

تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىلى ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، بۇ كېلىشىملەرنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئورتاق تارىخ ۋە ئورتاق قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ ئەڭ روشەن شەكىلدە گەۋدىلىنىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

لىۋىيەدە پات - پات «تۈركىيەنىڭ چەت ئەل كۈچى» ئىكەنلىكى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە قىسىملىرى لىۋىيەدە ھەرگىزمۇ چەت ئەل كۈچى ئەمەستۇر. بىز بۇ يەردە لىۋىيەنىڭ دوستى ۋە قېرىندىشى بولغان بىر دۆلەت قىسىملىرى سۈپىتىدە تۇرۇۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە دەرھال تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر