تۈركىيە يەمەنگە چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە تەرەپلەرنى 4 – ئاپرېل كۈنى تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقان يەمەندە كىرىزىسنى تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىردى.

1887943
تۈركىيە يەمەنگە چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يەمەندە تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ قايتا يولغا قويۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى ئىجابىي شەكىلدە قوللاشقا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرى ھەم خەلقئارا پارامېتىرلار ئاساسىدا، كىرىزىسنى دىيالوگ ۋە ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىرىمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ دائىرىدىكى ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر