ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇللىۋان (JakeSullivan) بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى.

1887463
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇللىۋان (JakeSullivan) بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى.كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرى، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال (2022) تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلىغان ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىلىرى، ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىز بىلەن جەنۇبىي كاۋكازنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىق رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزمنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق مەنپەئەتلەر ئاساسىدا ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈمىدلىرى تىلغا ئېلىندى.

تۈركىيەنىڭ «F-16» تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك باسقۇچلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ھالقىلىق رولى تەكىتلەنگەن كۆرۈشۈشتە، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك خەۋپىگە ۋە بارلىق تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى ئۆزئارا ماسلىشىپ ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىز مەسىلىلىرىدە تۈركىيەنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئىككىلەنمەيدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، گىرېتسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر