تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت لىۋىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەت لىۋىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1887506
تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت لىۋىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ، بۈگۈن لىۋىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «زىيارەت ئەسناسىدا، لىۋىيەدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ۋە بۇ دائىرىدە سايلاملار مەسىلىسى، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر