تۈركىيە ھەيئىتى لىۋىيەگە يېتىپ باردى

ھەرقايسى مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان يۇقىرى دەرىجىلىك تۈركىيە ھەيئىتى لىۋىيەگە يېتىپ باردى.

1887701
تۈركىيە ھەيئىتى لىۋىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى باش ئەلچى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە ھەيئىتى، بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇسقا يېتىپ باردى.

ھەيئەتنىڭ، لىۋىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى يۇنۇس ئەلمەنفى، پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئابدۇللاھ ئەللافى ۋە مۇسا ئەلكەۋنى، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە ۋە لىۋىيە دۆلەتلىك  ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەلمىشرى قاتارلىقلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشى، ھەمدە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ كەسپداشلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.

زىيارەت ئەسناسىدا، لىۋىيەدە دەرھال سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى، بۇ دائىرىدە ئېھتىياجلىق بولغان قانۇنىي ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرىنىڭ دەرھال ئىشلىنىشى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە 2019-يىلى لىۋىيە بىلەن ئىمزالانغان بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق، ئاقدېڭىزدىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتىش كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر