تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىرىنچى خانىملىرى ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا بىلەن كۆرۈشتى.

1887549
تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىرىنچى خانىملىرى ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا بىلەن ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا كۆرۈشتى.

ئولېنا زېلېنسكا كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن قۇرۇلغان ۋەخپەنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ يولدىشى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەۋەتكەن تەشەككۈر مەكتۇبىنى ئەمىنە ئەردوغانغا تاپشۇردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئائىلىسى بولمىغان 1300 ئۇكرائىنالىق بالىغا ساھىبخانلىق قىلۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان تەخمىنەن يەنە 200 بالىنى تۈركىيەگە ئەكىلىش توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە دىپلوماتىك ئىقتىدارى بىلەن ئاشلىق كارىدورى، ھەمدە رۇسىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ، ئاشلىق كارىدورىنىڭ دۇنيانى چوڭ يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن سەھىيە ساھەسىدىكى ئېھتىياجلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ئىنكۇباتور بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئەمىنە ئەردوغاننىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىقىسى قىممەتلىك دوستۇم ئولېنا زېلېنسكا خانىمنى ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغانلىقىمدىن خۇشاللىق ھېس قىلدىم. ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار، ھەمدە پۈتكۈل ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ يارىسىغا بىرلىكتە مەلھەم بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. تۈركىيە ھەر دائىمقىدەك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك كۈرىشىنى ھەر ساھە بويىچە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر