سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1887690
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ  ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر