سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى.

1887290
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلار سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يارىلانغان ساقچى ئېلىپ بېرىلغان دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى رىبات -2  بازىسى تەۋەلىكىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2017-يىلى 29-مارتقىچە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئازەز ۋە ئەلبابنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر