ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ «يېڭى قانۇن چىقىرىش يىلى» ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىغا «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قارار» دەپ باھا بەردى.

1887179
ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ «يېڭى قانۇن چىقىرىش يىلى» ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (TBMM)نىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە: «بۈگۈن بىز 27-نۆۋەتلىك مەجلىسىمىزنىڭ ئاخىرقى قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ ئېچىلىشىنى قىلىۋاتىمىز. مەن، مەجلىسىمىز سايلام كالىندارىغا ئاساسەن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ھالقىلىق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، بۇ قانۇن چىقىرىش يىلىدىنمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدىكى سۆزىدە، تېررورچىلار سادىر قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئاندا – ساندا قىلمىشلارغا «خائىنلارنىڭ ئاخىرقى تىپىرلاشلىرى» دەپ باھا بېرىپ، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قولىنىڭ ھەر دائىم تېررورچىلارنىڭ گەجكىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ئېشىش توغرىسىدا توختىلىپ: «سېتىۋېلىش كۈچى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 2021 – يىلى دۇنيانىڭ 11-، ياۋروپانىڭ 4-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئايلاندى» دېدى.

تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ يېقىنقى ئەسىرلەردىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «دۆلىتىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ئىناۋىتى داۋالغۇشقا دۇچ كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ» باھالىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، ئاراللارنى قوراللاندۇرۇۋاتقان گىرېتسىيەنى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئاقىلانىلىككىمۇ، ئىتتىپاقداشلىققىمۇ ياراشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىش سىياسىتى ھېچكىم مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىغا «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قارار» دەپ باھا بەردى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەگە بېرىلگەن ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشمىغۇچە، ئەنقەرەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال ۋە قەتئىي مەيدانىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر