تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى رەت قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1887095
تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، رۇسىيەنىڭ 2014 - يىلى قانۇنسىز ھالدا رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى) ئۆتكۈزۈپ، قىرىمنى ئۆزىگە قوۇشۇۋېلىشنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، ئىزچىل ھالدا ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا: «بىز 2014-يىلىدىكى پوزىتسىيەمىز بويىچە، رۇسىيەنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش قارارىنى رەت قىلىمىز. خەلقئارا قانۇننىڭ ئومۇملاشقان پىرىنسىپلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان ئادىل تىنچلىق ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە، قىرىم (2014)، دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا قاتارلىق ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنىڭ تەخمىنەن 15 پىرسەنتىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالدى.

پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ​​رۇسىيە تەرەپدارى ئاتالمىش ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر