شىمالىي ئىراقتا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1887152
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورچىلارنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى ئېنىق. <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز توختاۋسىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.