ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1886572
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، 24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

نويابىر ئېيىدا توشىدىغان مىخانىزمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشىنىڭ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ ئوغۇتى ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېكسپورت قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان، تېخىمۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرگە يول ئېچىش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش قەدەملىرىنى تاشلاشقا ئېھتىياج بارلىقىنى، موسكۋادىنمۇ ئۇكرائىنادىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ رۇسىيەگە تەۋە بولۇشى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ باسقۇچنى قولايلاشتۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن، مۇزاكىرىلەرگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ باسقۇچتا قۇلايلىق ياراتقۇچى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان.

كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ھەمدە رۇسىيەنىڭ، تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يۆتكەش ۋە «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر