تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
1886971
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىر مائارىپ ئورگىنى نىشان قىلىنغان ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھەم يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ۋە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»