چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكاغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە قارىتا قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنى بىكار قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1886801
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، مۇغلاردا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قىبرىستا تەڭپۇڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى تەرەپدارى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قارارىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە تېگىشلىك قەدەم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز. سىلەر سۈركىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، بىزمۇ ئارالدا تېگىشلىك قەدەم تاشلايمىز.»