ئەردوغان: بىزنىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز، گىرېتسىيەگە خاتا چوت سوقتۇرماسلىقىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز، گىرېتسىيەگە خاتا چوت سوقتۇرماسلىقىدۇر» دېدى.

1886109
ئەردوغان: بىزنىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز، گىرېتسىيەگە خاتا چوت سوقتۇرماسلىقىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرلەشمە سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان، ئەگە دېڭىزىدىكى ئاراللارغا ئامېرىكا قوراللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ھەمدە ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ھەر ئىككىسى ناتودا. بىز ناتودىكى ئالدىنقى بەش دۆلەتنىڭ بىرى. ھەم قوشقان تۆھپىمىز ھەم قۇرۇقلۇق ئارمىيەمىز بىلەن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز. ناتودا تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنى سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇنداق كۆپ قورال، ماشىنا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئاراللارغا ئەۋەتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز، گىرېتسىيەگە خاتا چوت سوقتۇرماسلىقى ۋە خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ قايمۇقتۇرۇلۇشىغا يول قويماسلىقىدۇر. بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە گىرېتسىيەگە زۆرۈر ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەردۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)غىمۇ ئاخىرقى مەكتۇپىمىزنى 17 - سېنتەبىردە ئەۋەتتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قاراتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنىڭ نە مەزمۇنى، نە ۋاقتىغا ئىزاھات بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بۇ يېڭى قەدەمنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر