تۈركىيە بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن  تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1886015
تۈركىيە بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، بۇركىنا فاسونىڭ سوئۇم ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ھەم يارىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، دوستلىرىغا ۋە قېرىنداش دۆلەت بۇركىنا فاسوغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىغا ماتېرىيال توشۇۋاتقان 150 ئاپتوموبىللىق ھەيئەتنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدا 11 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى، 50 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر