دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىرېتسىيەنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان قۇتراتقۇلۇقلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تۈركىيەنىڭ ھەق - ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1886013
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىرېتسىيەنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان قۇتراتقۇلۇقلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا، گىرېتسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈچىيىپ كېتىۋاتقان قۇتراتقۇلۇق قىلمىشلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا «(يىغىندا) گىرېتسىيەنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل قانۇنلۇق ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشتىن باش تارتمايدىغانلىقىمىز تەكىتلەندى ھەمدە گىرېتسىيەنى غەيرىي ئەسكىرىي ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان تەرەپلەر ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرىپىگە قويۇلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىمۇ تىلغا ئېلىنغان باياناتتا يەنە،  ئىتتىپاقداشلىق روھىغا خىلاپ بۇ قارارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، شۇنداقلا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر