چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭمۇ گىرېتسىيەگە قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەگە دېڭىزىدىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇۋاتقان گىرېتسىيەگە قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1886271
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭمۇ گىرېتسىيەگە قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دەنىزلىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گىرېتسىيەنىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «گىرېتسىيە بۇ ئاراللارنى قوراللاندۇرغان ئىكەن، بىزمۇ تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى غەيرىي ئەسكىرىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاراللارغا بىرونېۋىكلارنى يوللىشى، تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر