ئەردوغان زېلېنىسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1885793
ئەردوغان زېلېنىسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ قارادېڭىز ئارقىلىق ئېكىسپورت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇنداق بىر مۇۋەپپەقىيەتنى زاپورىجيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى دائىرىسىدىمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان، ھەمدە مەزكۇر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدا ئەسكەردىن خالىي بىر رايوننىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك مۇرەسسەچىلىك ۋە قولايلاشتۇرغىچىلىق تەكلىپىنىڭ ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى رايونلىرىدا بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمنىڭ دىپلوماتىك باسقۇچنى جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇرۇشقا تىنچ يوللار ئارقىلىق خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر