سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
![سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/996c/d67c/891a/5f93e567a61eb.jpg?time=1722043466)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن باشقا چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹فىرات قالقىنى› ۋە ‹تىنچلىق بۇلىقى› ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 10 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «قىزىل كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسۇپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەقىب قىلدى.
تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
كۆپلىگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بۇيرۇق چۈرۈشگەن ساباھ ئوغۇرنىڭ قېرىندىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك - پ ي د/ي پ گ مەنسۇبى زەھرا ئوغۇرمۇ، 2010 – يىلى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722043466)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.