شەنتوپ گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋولفگاڭ كۇبىككىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى باشلىقى بائېربېل باسقا يوللىغان خېتىدە ئەيىبل

1885601
شەنتوپ گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى باشلىقى بائېربېل باسقا مەكتۇپ يوللاپ، ياردەمچىلىرىدىن كۇبىككىنىڭ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارىتا ھاقارەتلىك سۆزلىرىنىڭ بىزنى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم، ھەمدە بۇ سۆزلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم.»

«تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزىدىغان بۇنداق بىمەنە پوزىتسىيەگە قارشى تەدبىر قوللىنىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر