«قىزىل كاتېگورىيە» دىكى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «قىزىل كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
1885618
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسۇپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەقىب قىلدى.
تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
كۆپلىگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بۇيرۇق چۈرۈشگەن ساباھ ئوغۇرنىڭ قېرىندىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك - پ ي د/ي پ گ مەنسۇبى زەھرا ئوغۇرمۇ، 2010 – يىلى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.