مىنىستىر دۆنمەز قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز  قازاقىستان بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1885805
مىنىستىر دۆنمەز قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ بارغان دۆنمەز، يىغىن ھارپىسىدا ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەزىز ئەخمەدھادجايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ساھىبخان دۆلەت قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى بولات ئاقچۇلاقۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنىستىر دۆنمەز، كېيىنچە ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشلاردا، سىجىل ئېنېرگىيە، دېڭىزلار ھەم قۇرۇقلۇقلاردا گىدروكاربون قىدىرىپ تەكشۈرۈش ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر