پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1885307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار ئۈچۈن نە ئىراقنىڭ، نە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمى بىخەتەر ئەمەس. تېررورىزمنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»