تۈركىيەدىن پاكىستانغا 12 - «ياخشىلىق پويىزى» يولغا چىقتى

ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ ماسلاشتۇرىشى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن پاكىستان ئۈچۈن  تەييارلانغان «ياخشىلىق پويىزى» ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ كوجائىلىدىن يولغا چىقتى.

1884061
تۈركىيەدىن پاكىستانغا 12 - «ياخشىلىق پويىزى» يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 28 ۋاگوندىن تەركىب تاپقان «ياخشىلىق پويىزى» غا 697 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنى قاچىلاش خىزمەتلىرىنى كۆسەكوي تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ تاماملاپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇئاۋىن ۋالىي ئابدۇل رائۇف ئۇلۇسوي دوست ۋە قېرىنداش پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىگە قارىتا تۈركىيە باشلىغان «ياخشىلىق پويىزى» سەپەرۋەرلىكىنىڭ كوجائىلىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇل رائۇف ئۇلۇسوي مارمارا رايونىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنىڭ كوجائىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،  «جەمئىي 55 مىڭ ساندۇق ياردەم بويۇمى تەييارلاش نىشان قىلىنغان ئىدى، ھازىر ياردەم بويۇملىرى ساندۇقىنىڭ سانىنى 62 مىڭغا يەتكۈزدۇق. ئىنشائاللاھ كېلەر ھەپتە ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان ياردەم بويۇملىرى ساندۇقىنىڭ سانىنى 72 مىڭ دەپ بېكىتتۇق» دېدى.

مۇشۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىن 12 - «ياخشىلىق پويىزى» دۇئا – تېلەكلەر بىلەن پاكىستانغا يولغا چىققان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر