ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1883923
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، پىيادە ئەسكەر لېيتېنانت سەركان ئەرقۇشنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرى بىلەن تۈركىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا شېھىت بولغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ، تەزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، شېھىت ئەسكەر ئەرقۇشقا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر