چاۋۇشئوغلۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى كسابا كوروسى بىلەن كۆرۈشتى.

1883927
چاۋۇشئوغلۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك  شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەپتىلىكىدە قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كۆپ ساندا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

چاۋۇشئوغلۇ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى كسابا كوروسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇ، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر ماكېي، بىرازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس ئالبېرتو فىرانكو فىرانچا، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇجار ئوسمانى، نىكاراگۇئا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېنىس مونكادا كولىندرېس قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر