چاۋۇشئوغلۇ: مۇسۇلمانلار ئارا قېرىنداشلىقنى سىياسەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇسۇلمانلار ئارا قېرىنداشلىقنى سىياسەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1883553
چاۋۇشئوغلۇ: مۇسۇلمانلار ئارا قېرىنداشلىقنى سىياسەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ پەقەت ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن مۇھىم  نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭمۇ 15 – مارتنى <خەلقئارا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەش كۈنى> قىلىپ بېكىتىشى، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مىساللىرىدىن بىرىدۇر. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، قۇرئان كەرىم، <ئەي ئىمان ئېيتقان كىشىلەر، سىلەر ھەممىڭلار قېرىنداشسىلەر، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن ئىناق ياشاڭلار> دېمەكتە. شۇ ۋەجىدىن، بىزنىڭمۇ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنى سىياسەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەقەت پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن سادالىرىمىزنى باشقىلارغا ئاڭلىتالىشىمىز مۇمكىن.»

تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىغا ئىجابىي ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت بولغان پەلەستىننى ۋە ئۇنىڭ پايتەختى قۇددۇسنى قوللاش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.»

ئۇ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئادالەتسىز يېتىم قالدۇرۇش ۋا ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنى قوللىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. گىرېتسىيەدىكى ئاز سانلىق تۈركلەرمۇ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ، مۇپتىلىرى ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېتنىك كىملىكلىرى ۋە تەلىم - تەربىيە ساھەسىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايۋاتىدۇ. بىز قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرغا قويغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر