تۈركىيە ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بىر قىسىم رايونلىرىدا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1883001
تۈركىيە ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بەزى جايلىرىدا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلار خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ  ئىش دىپلوماتىك مۇساپىنى جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، مۇقىمسىزلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز 2014-يىلىدىكى قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالدا قوشۇۋېلىنىشىدىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان <ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى>نى قوللايدىغانلىقىمىزنى، داۋاملىشىۋاتقان (رۇسىيە – ئۇكرائىنا) ئۇرۇشنىڭ مەزكۇر نىشاننى چۆرىدىگەن ئاساستا تىنچ سۆھبەتلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىغا ھەر خىل تۆھپىلەرنى قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولغان جەرياندا ئۇكرائىنانىڭ دونېتسكى، لۇخانىسكى، خېرسون ۋە زاپاروژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر