«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرى خەۋەر قىلىندى

ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» دە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ب د ت 77 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئانالىز قىلىنغان بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

1883023
«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرى خەۋەر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىگەن رەھبەرلەر ئارىسىدا ھەممىدىن بەك دىققەتلەرنى تارتقان رەھبەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇنىڭ فىرانسىيەلىك مەنسەپدېشى ئېممانۇئېل ماكرون بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئانالىز قىلىندى.

خەۋەردە، ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇرۇش جەريانىدا رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى پەسەيتىشكە تىرىشقانلىقى، ئالدىنقى قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: « ئۇرۇشتا ھېچقاچان غەلىبە قىلغۇچى تەرەپ بولمايدۇ،  دەپ قارايمىز. ئادىل بىر تىنچلىق مۇساپىسىدە بولسا، مەغلۇب بولغۇچى تەرەپ بولمايدۇ. مۇۋاپىق، ئادىل ۋە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان دىپلوماتىك جەريان ئارقىلىق كىرىزىستىن شەرەپلىك ھالدا چىقىش يولى تېپىشقا ئېھتىياجلىقمىز» دېگەنلىكى ھەمدە ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىق مۇزاكىرەلىرىدە ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىلىپ، ماكروننىڭ بولسا نەچچە ئايلارغىچە  پۇتىن بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى، ئەمما ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى ھەمدە  ماكرونغا «تىنچلىق مەسىلىسىدە رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان غەرب ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى» دەپ باھا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر