مىنىستىر كوجا باكۇدىكى ھەر قايسى شېھىتزارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ گۈلچەمبىرەكلەرنى قويدى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا، تۈركىيە – ئەزەربەيجان سەھىيە مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى شېھىتزارلىقلارنى زىيارەت قىلدى.

1883152
مىنىستىر كوجا باكۇدىكى ھەر قايسى شېھىتزارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ گۈلچەمبىرەكلەرنى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاخرەتتىن كوجا مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ فەخرى خىياباندىكى قەبرىسىگە ۋە 20 – يانۋار شېھىتلىرى دەپنە قىلىنغان شېھىتلەر خىيابانىدىكى ئەبەدىي ئاتەش خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

مىنىستىر كوجا ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرى تەيمۇر مۇسايېۋ بىلەن تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغچىنىڭ ھەمراھلىقىدا باكۇدىكى تۈركىيە شېھىتزارلىقىغا بېرىپ، گۈلچەمبىرەك قويدى.

زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيە – ئەزەربەيجان سەھىيە مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغان مىنىستىر كوجا، مەنسەپدىشى مۇسايېۋ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ ۋە سەھىيە ساھەسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

مىنىستىر كوجا ئەتە قاراباغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى شۇشانى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر