چاۋۇشئوغلۇ: ئامىللىرىنى ھەل قىلمىسا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورىزمنىڭ ئۇزۇقلۇق مەنبەلىرىنى قۇرۇتماي تۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1883015
چاۋۇشئوغلۇ: ئامىللىرىنى ھەل قىلمىسا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار دەرىجىلىك «يەر شارىۋى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مۇنبىرى» يىغىنىغا  قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان يەر شارىۋى بىر دۇئېل ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى، تېخنولوگىيەدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى تەھدىتنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان شىددەتلىك ئەسەبىي ئوڭچىللىق ھۇجۇملىرىنىڭمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، رايونلۇق ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىك سۈركىلىشلەرنىڭ، خۇش پېئىلسىزلىق ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ، تېررورلۇق بايانلىرىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزمنىڭ ئۇزۇقلۇق مەنبەلىرىنى قۇرۇتماي تۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، تېررورچىلارغا بىخەتەر بىر پاناھ جاي بەرمەسلىك ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە باغلىقتۇر.  تەجرىبە – ساۋاقلار بىزگە تېررورىزمنىڭ دىنى ۋە ئېتنىك كىملىكى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تېررورىزمنىڭ بارلىق شەكىللىرى ۋە ئامىللىرىغا قارشى  كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. قوش ئۆلچەملەرگە يەر بولماسلىقى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر