«بايراقتار قىزىل ئالما»نىڭ موتورى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى — بايراقتار قىزىل ئالماغا تۇنجى ماتور ئورۇنلاشتۇرۇش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

1881328
«بايراقتار قىزىل ئالما»نىڭ موتورى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى تەرىپىدىن مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى — بايراقتار قىزىل ئالماغا تۇنجى ماتور ئورۇنلاشتۇرۇش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

بايقار شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، «بايراقتار قىزىل ئالما» ناملىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يەنە بىر ھالقىلىق ئۆتكەلنىڭ ئارقىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇنجى مودېلىغا تۇنجى ماتورنى قوراشتۇرۇش سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزى سىناقلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، «بايراقتار قىزىل ئالما» ناملىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان 2023 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر