«قىرغىزىستان – تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»

تۈركىيە قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1881111
«قىرغىزىستان – تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. دوست ۋە قېرىنداش ئىككى دۆلەت  ئوتتۇرىسىدىكى بۇ جىددىيچىلىككە ھەرقانداق شەكىلدە تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشى ۋە  ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ ئاساسىدا تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش تۈنۈگۈن باشلانغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجىراسى سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ، يەر، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى سۇغىرىش، ھايۋانلارنى بېقىش، ئەتكەسچىلىك، ئورتاق يول ئىشلىتىش ۋە چېگرادىن رۇخسەتسىز ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رايوندا جىددىيلىك يۈز بەرمەكتە.

قىرغىزىستان، 2021 – يىلى 21 – مايدىن ئېتىبارەن، چېگرا ئىختىلاپى ھەل بولغانغا قەدەر تاجىكىستان بىلەن تاموژنا ئېغىزلىرىنى تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر