ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1880606
ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشى يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇقنائاگىن قۇرېلسۇق بىلەن كۆرۈشكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفنى قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر