ئەردوغان سەمەرقەنتتە ھىندىستان باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودىنى قوبۇل قىلدى.

1880881
ئەردوغان سەمەرقەنتتە ھىندىستان باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ،  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە،  ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودى بىلەن يىغىن زالىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەردوغان، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتىنىڭ يازلىق سارىيىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشى يېرىم سائەت داۋاملاشقانىدى.

ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇقنائاگىن قۇرېلسۇق بىلەنمۇ كۆرۈشكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر