ئىراقنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1880485
ئىراقنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قىلچىمۇ چىقىش يولى يوقتۇر. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز تاكى تېررورچىلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»

بۇ ئارىلىقتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ھاققارىنىڭ قازان ۋادىسى ۋە خان يايلىقى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش – 37» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغانىدى.

610 خادىم قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنى، چۇقۇرجا ناھىيەسىنىڭ قازان ۋادىسى ۋە خان يايلىقى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاساسلىق قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتى تېپىلغانىدى.

ئاساسلىق قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، كۆپ ساندا قول بومبىسى، قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ غار، پاناھ جاي ۋە ئىسكىلات يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر