تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ فىرانسىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ فىرانسىيەگە ئەتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۆپلىگەن ئايروپىلان سەپەرلىرى، بۇ دۆلەتتىكى ھاۋا قاتنىشىنى كونترول قىلغۇچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1880227
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ فىرانسىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ھاۋا قاتنىشىنى كونترول قىلغۇچىلار، 16 – سېنتەبىر كۈنى ئىش تاشلاشنى قارارلاشتۇردى. شۇ ۋەجىدىن، كۆپلىگەن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى فىرانسىيەگە  ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى.

فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ ھەم ئىستانبۇل ھەم خەلقئارا سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن فىرانسىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىگە ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر