ھاققارىدا «ئەرەن قامال قىلىش – 37» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

ھاققارىنىڭ قازان ۋادىسى ۋە خان يايلىقى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش – 37» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1880293
ھاققارىدا «ئەرەن قامال قىلىش – 37» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ھاققارىنىڭ قازان ۋادىسى ۋە خان يايلىقى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش – 37» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 610 خادىم قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنى، چۇقۇرجا ناھىيەسىنىڭ قازان ۋادىسى ۋە خان يايلىقى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاساسلىق قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتى تېپىلغان.

ئاساسلىق قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، كۆپ ساندا قول بومبىسى، قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ غار، پاناھ جاي ۋە ئىسكىلات يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر