چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا شېھىت بولغان ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1879744
چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا شېھىت بولغان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمان ئەسكەرلىرىگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر – تاقەت تىلىدى ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھەردائىم جانجىگەر دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا.»

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 12 – سېنتەبىر كېچىسى ۋە 13 – سېنتەبىر ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن چېگراداش بولغان داشكەسەن، كەلبەجەر، لاچىن ۋە زەنگىلان يۆنىلىشلىرىدە كەڭ دائىرىلىك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر