فاھرەتتىن ئالتۇن: تېخىمۇ ئادىل ب د ت بەرپا قىلىش مۇمكىن

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى: خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن ئورنىتىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى» تېمىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردى.

1879098
فاھرەتتىن ئالتۇن: تېخىمۇ ئادىل ب د ت بەرپا قىلىش مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ۋىدېئو ئەۋەتتى. ئۇ نىيۇ يوركتا 20-26-سېنتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلىدىغان ب د ت 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ ب د ت ئىسلاھاتىغا قاراتقان سىياسىتىنى دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان يىغىنلارنىڭ بىرىنىڭ مادرىدتا ئېچىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان <دۇنيا بەشتىن چوڭ> دېگەن سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆپ ئىنكاس پەيدا قىلدى. كۆپ قۇتۇپلۇق، تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ب د ت بەرپا قىلىش مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ب د ت نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈتكىنىنى قامداشتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، ئىناۋىتى ۋە ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس، بەلكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى بىلەن زۇلۇم سالغانغا، يامانغا يانتاياق بولغانغا قارشى ئاۋاز چىقارمايدىغان بولدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئادىل بولمىغان بۇ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىشى كېرەك، شۇنداقلا كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھاتقا ئېھتىياجلىق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر