ئەردوغان چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا مەكتۇپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چەت ئەللەردە ياشايدىغان پۇقرالارغا مەكتۇپ يازدى.

1877646
ئەردوغان چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا مەكتۇپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان پۇقرالارغا مەكتۇپ ئېلان قىلدى.

ئۇ مەكتۇبىدا، چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ 21يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇساپىسىدە، تۈركىيەدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتىن، «قەيەردە تۈركىيە پۇقراسى بولسا، بىز شۇ يەردە» دېگەن شۇئار بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «چەت ئەلدە ياشايدىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ قوللىدۇق. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ۋە سىلەردىن ئالغان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن، بىز مۇداپىئە سانائىتىدىن تارتىپ تاشقى سىياسەتكىچە، سەھىيەدىن قاتناشقىچە بولغان ساھەلەردە، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى پۇقرامىز پەخىرلىنىدىغان تۈركىيەنى بىنا قىلدۇق» دېدى.

ئۇ: «ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى دائىم قوللىدۇق ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇق. بىز كەلگۈسىدە ئوخشاش ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىق سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. ھەم جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 يىللىقىنى تاجلاندۇرۇش ھەمدە 2053-يىللىق نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن، كېلەر يىلى (2023) ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئىنتايىن مۇھىم. سىلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملىق قوللايدىغانلىقىڭلارغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەكتۇبى تۈركىيەدە دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىگە قايتقان ياكى دەم ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن تۈركلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر