گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارشى تۈركىيەدىن دىپلوماتىك ھەرىكەت ...

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارشى دىپلوماتىك ھەرىكەت باشلىدى.

1876724
گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارشى تۈركىيەدىن دىپلوماتىك ھەرىكەت ...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىمزاسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 25 پايتەختىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلغا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىغا شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ۋە ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا تۈركىيەنىڭ ئەگە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى مەيدانى ۋە كۆز قارىشى چۈشەندۈرۇلگەن مەكتۇپلار يوللاندى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1 - سېنتەبىردە (2022) يوللانغان مەكتۇپلاردا گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى ۋە چېكىدىن ئاشقان تەلەپلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتى تارتىلغان.

مەكتۇپتا، ئەگە دېڭىزىدا بىر-بىرىگە چېتىشلىق ۋە ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى، تېررىتورىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكى ۋە دۆلەت ھاۋا تەۋەلىكى، چوڭ قۇرۇقلۇق تەكشىلىكى ۋە تېررىتورىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلۈشى، شەرقىي ئەگە دېڭىزى ئاراللىرىنىڭ غەيرىي ھەربىي سالاھىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنىشى، ئۈنۈملۈك خەلقئارالىق شەرتنامىلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى گرېتسىيەگە بېرىلمىگەن ئاراللار، كىچىك ئاراللار ۋە قىيالار مەسىلىسى ھەمدە «SAR »، «FIR» ۋە «NAVTEX» قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرى مەسىلىسى بارلىقى تەكىتلەندى.

مەكتۇپتا، گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى تېررىتورىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكى كەڭلىكىنىڭ 6 دېڭىز مىلى ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، 10 دېڭىز مىلى ھاۋا تەۋەلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، گىرېتسىيەنىڭ دۇنيادا باشقا ھېچقانداق دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ۋە ئۇيغۇن كۆرۈلمەيدىغان تېررىتورىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا بوشلۇقى چېگراسىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  مەكتۇپتا، تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى مەسىلىلىرىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ھەق - ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەكتۇپتا، تۈركىيەنىڭ دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى قوللاش مەيدانىغا قارىماستىن، گىرېتسىيەنىڭ دىيالوگدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، جىددىيچىلىكنى ئاشۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەگە مەسىلىلىرىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر