تۈركىيە گىرېتسىيەنى غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە گىرېتسىيەنى غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ (1923 – يىلى ئىمزالانغان) لوزان تىنچلىق كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كېلىشىملەر ئارقىلىق كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان «ئۆزلىرىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقىش ھوقۇقى» غا ھۆرمەت قى

1876354
تۈركىيە گىرېتسىيەنى غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، غەربىي تراكيا ئاز سانلىق تۈركلەر مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ، گىرېتسىيەنىڭ، ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇفتىسىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقىش ھوقۇقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ۋە ئاز سانلىق مەنسۇپلىرىنى بۇ ھەرىكەتنىڭ نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيەدىن، غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ (1923 – يىلى ئىمزالانغان) لوزان تىنچلىق كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كېلىشىملەر ئارقىلىق كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان <ئۆزلىرىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقىش ھوقۇقى> غا ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە بۇ دائىرىدە ئاز سانلىق تۈركلەرگە قارىتىلغان تۈرلۈك بېسىملارغا خاتىمە بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر