ساكاريا شەھىرى ب د ت نىڭ «مائارىپ شەھەرلىرى يەرشارى تورى» غا قوبۇل قىلىندى

ساكاريا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ «مائارىپ شەھەرلىرى يەرشارى تورى» غا قوبۇل قىلىندى.

1875452
ساكاريا شەھىرى ب د ت نىڭ «مائارىپ شەھەرلىرى يەرشارى تورى» غا قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساكارىيا شەھەر باشلىقى ئەكرەم يۈجە يازما باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئىنستىتۇتىغا سۇنۇلغان ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى جاكارلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەكرەم يۈجە ئەزا شەھەرلەر ئارىسىدا ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش بەلگىلىمىرىنىڭ ھەمبەھىرلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ساكاريانىڭمۇ بۇ توردىن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەكرەم يۈجە بۇ ئىلگىرىلەشتىن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  بۇنىڭ ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن خىزمەتداشلىرىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر