ئەردوغان گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1874387
ئەردوغان گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي مەكتىپى قوماندانلىق ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا رادار سىستېمىلىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز بىلەن، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز بىلەن، ئاقىنجىلىرىمىز بىلەن ھەممىلا يەردە مەۋجۇتمىز، ئەمدىلىكتە <گۆكبېيى> ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىمىز بىلەن ھەممىلا يەردە مەۋجۇتمىز. نۆۋەتتە بىز بۇ قورال - ياراغلار بىلەن دۇنيادا بىزگە دۈشمەن بولغانلارنىڭ بالاسىمىز. بىز ئەمدى تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ھەيرانلىق ئىلكىدە نەزەر تاشلايدىغان دۆلەت ئەمەسمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەگە دېڭىزىدا پۇرسەت تاپسىلا پاراكەندىچىلىك سالىدىغان ۋە ھاياسىزلارچە داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغانلارنىڭ پەقەت گۇماشتىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە بىزگە بۇنداق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاشۇ گۇماشتىلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمكىز.»

ئاقدېڭىزدىكى خەلقئارالىق ھاۋا تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا، 23 – ئاۋغۇست كۈنى، «گىرىت ئارىلى» دا تۇرۇشلۇق گىرېتسىيەگە ئائىت رۇسىيەدە ئىشلەنگەن «300 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى رادار سىستېمىلىرى تەرىپىدىن مۇداخىلە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر