ئەردوغان: پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى زۆرۈر

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1871551
ئەردوغان: پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى زۆرۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 22-ئاۋغۇست (2022) پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسنى تۈنۈگۈن (23-ئاۋغۇست) جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. سەزگۈرلۈكلىرىمىزنى ئىسىرائىلىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە يەتكۈزدۇق. ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە بېسىلغان قەدەملەر، پەلەستىن دەۋاسىغا بولغان قوللىشىمىزنى ھەرگىزمۇ ئازايتمايدۇ. ب د ت پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا 1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرالاردا پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ، پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن» دېدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، پەلەستىن خەلقىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۆزگەرمەس مەيدانى سەۋەبىدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. كۆرۈشۈشىمىزدە، ئەردوغان بىلەن رايون ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى، تۈركىيەنىڭ دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئوينىغان رولىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر