ئەردوغان پولشا پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1869802
ئەردوغان پولشا پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، بىر قىسمى پولشا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۈنۈگۈنكى ئۇكرائىنا زىيارىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن،  پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇداغا تەشەككۈر ئېيتقان، ھەمدە ئۇكرائىنادا تىنچلىق مۇساپىسىگە تۆھپە قوشۇش ئۈمىدى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

 پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بولسا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقى ۋە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، ھەمدە ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىجر ا قىلىنىشىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى پولشادا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر